خۇاۋېي AR ئۆلچەك ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
1 بىز ھەققىدە
تۆۋەندىكى ماددىلار بولسا سىز بىلەن خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) پۈتۈشكەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىم. بۇ «خۇاۋېي AR ئۆلچەك ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى» ۋە بۇ مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا تۈزۈملەر (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بۇ كېلىشىم» دېيىلىدۇ) نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ. بۇ كېلىشىم خۇاۋېي AR ئۆلچەك (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بۇ مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ) نى ئىشلەتكەندە ئادا قىلىدىغان قانۇنىي مەجبۇرىيەت ۋە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلارنى بېكىتىدۇ. بۇ كېلىشىمدىكى «سىز» بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە زىيارەت قىلغان ھەرقانداق شەخسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېلىشىمگە قوشۇلۇشنى چەكسىڭىز ۋە بۇ ئەپكە كىرسىڭىز، بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى تولۇق ئوقۇغان ۋە قوبۇل قىلغان بولىسىز. ئەگەر بۇ كېلىشىمنىڭ خالىغان مەزمۇنىغا قوشۇلمىسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش ھوقۇقىڭىز بار.
2 بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشتىكى تەلەپ
ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ كېلىشىمنى ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشەنگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىزنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ياكى قانۇنىي ھامىيلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تور، يانفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش قىلمىشىغا قارىتا مۇۋاپىق نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3 بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش
خۇاۋېي بۇ كېلىشىم بويىچە سىزگە بۇ مۇلازىمەتنىڭ چەكلىك، مەخسۇس بولمىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغان، ئەمما قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتىنى بېرىدۇ.
4 مۇلازىمەت مەزمۇنى
بۇ مۇلازىمەت سىزنى خۇاۋېي AR ئۆلچەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى تۆۋەندىكىدەك:
(1) نەرسە ئۆلچەش ئىقتىدارى
نەرسە ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، «نەرسە ئۆلچەش» نى تاللىشىڭىز ھەمدە بەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى، دائىرىسى ۋە ھەجىمىنى ئۆلچىشىڭىز كېرەك.
(2) بەدەن ئۆلچەش ئىقتىدارى
بەدەن ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، «بەدەن ئۆلچەش» نى تاللىشىڭىز ھەمدە بەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، بوي ئېگىزلىكى، يۈرەك ۋە نەپەس رىتىمى (بەزى تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرلا قوللايدۇ) نى ئۆلچىشىڭىز كېرەك.
5 ئىشلىتىش قائىدىسى
بۇ مۇلازىمەتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە قوشۇلدىڭىز ھەمدە بۇ كېلىشىم ۋە ھەرقانداق ئۈنۈملۈك قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلدىڭىز. بۇ مۇلازىمەتنى ئەخلاققا ئۇيغۇن شەكىلدە بۇ كېلىشىم بويىچە زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە ۋەدە بەردىڭىز ۋە قوشۇلدىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى يوللاشقا ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بولمايدۇ:
(a) قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەردە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى يۈكلەش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، يوللاش، تورخەتتە ئەۋەتىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا تەمىنلەش؛
(b) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن نېگىزلىك پىرىنسىپقا خىلاپ قىلمىشلار؛
(c) دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى؛
(d) دۆلەتنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار؛
(e) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلار؛
(f) دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەتچىلىك ۋە فېئودال خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان قىلمىشلار؛
(g) پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى؛
(h) شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلارنى تارقىتىش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش قىلمىشلىرى؛
(i) باشقىلارنى ھاقارەتلەش ياكى تۆھمەت چاپلاش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى؛
(j) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى مىللەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار؛
(k) ئۈچىنچى تەرەپنىڭ پاتېنت ھوقۇقى، نەشر ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى ياكى باشقا ھەرقانداق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلار؛
(l) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلار.
تۆۋەندىكى ھەرقانداق پائالىيەتنى قىلماسلىققا ۋەدە بەردىڭىز:
(a) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بارلىق ھەم قىسمەن مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرۈش ھەم ئۆزگەرتىش ھەمدە بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى باشقا ئەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ياكى باشقا ئەپنى قوشۇپ قويۇش؛
(b) ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ مۇلازىمەت، مۇناسىۋەتلىك سىستېما ياكى تورنىڭ ھەرقانداق قىسمىنى زىيارەت قىلىش، قىلماقچى بولۇش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛
(c) بۇ مۇلازىمەتنى ياكى ھەرقانداق قىسمىنى پارچىلاش، كودىنى يېشىش ياكى ئەكس يۆنىلىشلىك ئېچىش ۋە ياكى بۇ مۇلازىمەت ۋە ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكى ئاساسىدا تۇغۇندى مەھسۇلات ياساش، قانۇن مەنئى قىلغان شۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مۇددىئاسى بولۇش؛
(d) بۇ مۇلازىمەتنى تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش، ئىجارە بېرىش، سېتىش، ئېلىپ-سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش، ئاشكارا ئورۇنلاش، يوللاش، قويۇش، تارقىتىش ۋە باشقا شەكىللەردە ئىشلىتىش؛
(e) خۇاۋېينىڭ يازمىچە ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدە بۇ مۇلازىمەتنىڭ ھەممە ياكى قىسمەن مەزمۇنى (بەلگە سېلىنغان ئەسلى كود قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى يوللاش ياكى ھەرقانداق شەكىلدە ھەرقانداق ئادەمگە تەمىنلەش؛
(f) باشقىلارنىڭ نامىدا، يالغان ئاتاق ياكى باشقا شەكىلدە ئۆزىڭىز بىلەن مەلۇم بىرىنىڭ ياكى مەلۇم ئەمەلىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىش؛
(g) قانۇنسىز مەقسەتتە، ياكى ھەرقانداق قانۇنسىز شەكىل ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا بۇ مۇلازىمەتنى (ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىنى) ئىشلىتىش، ياكى ھەرقانداق ئالدامچىلىق ياكى باشقا يامان غەرەزدە بولۇش قىلمىشى، بۇ مۇلازىمەتكە (ياكى بۇ مۇلازىمەتنىڭ تور ئادرېسىغا) ياكى ھەرقانداق سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ۋىرۇس ياكى زىيانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان غەرەزلىك كود قىستۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛
(h) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلغان ۋە/ياكى ئىشلەتكەندە، خۇاۋېينىڭ ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش؛
(i) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش ياكى ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ياكى خۇاۋېي سىستېمىسىنى زىيارەت قىلىش ياكى يېشىش ئارقىلىق، بۇ مۇلازىمەت يۈرۈشۈۋاتقان مۇلازىمىتېرغا ھەرقانداق مەزمۇننى كىرگۈزۈش ياكى مەزمۇنغا ئېرىشىش؛
(j) ئەپ، ئۈسكۈنە، سېنارىيە ئېچىش، قوللاش ياكى ئىشلىتىش ياكى ھەرقانداق باشقا ۋاسىتە ياكى جەريان (ئۆمىلىگۈچى قۇرت دېتالى، تور كۆرگۈچ قىستۇرمىسى ياكى باشقا ھەرقانداق تېخنىكا ياكى سۈنئىي مەشغۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ياكى باشقا يوللار بىلەن بۇ مۇلازىمەتتىن ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇرى ھەمدە باشقا ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈش؛
(k) خۇاۋېينىڭ ئالدىن يازمىچە ئىجازىتىنى ئالماي، بۇ مۇلازىمەتنى سودا يوللىرىغا ئىشلىتىش؛
(l) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ قانۇنغا خىلاپ سودا، مەسىلەن، ھەربىي قورال-ياراغلارنى، زەھەرلىك بۇيۇملارنى، قانۇنسىز بۇيۇملارنى، ئوغرى نەشردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ۋە باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش؛
(m) قىمار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن باشقىلارنى قىمارغا قىزىقتۇرۇش؛
(n) باشقىلارنىڭ تىزىملاپ كىرىش ئۇچۇرىنى سوراش ياكى باشقىلارنىڭ ھېساباتىنى زىيارەت قىلىش؛
(o) بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ پۇل يۇيۇش، نەقلەشتۈرۈش ۋە شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش؛
(p) بۇ كېلىشىم (ياكى مەلۇم قىسمى) گە خىلاپلىق قىلىش ياكى شۇ تۈردىكى قىلمىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇترىتىش؛ ياكى
(q) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە، بۇ مۇلازىمەت، خۇاۋېي سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، چەكلەش، ئاجىزلىتىش ياكى ھالاك قىلىش، يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش، باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە ياكى باشقىچە شەكىلدە كومپيۇتېر سىستېمىسىغا توسقۇنلۇق قىلىش، بۇ مۇلازىمەت، خۇاۋېي مەزمۇنى (ئاستىدىكى ئېنىقلىمىغا قاراڭ) ياكى مەلۇماتقا تاجاۋۇز قىلىش ياكى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش.
6 خۇاۋېي مەزمۇنى
خۇاۋېي ۋە/ياكى خۇاۋېي ئىجازەت بەرگەن تەرەپنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە ئاساسەن بۇ مۇلازىمەتتىن ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇرنى، تېكىست، سىن ۋە ئاۋاز، رەسىم، سىنبەلگە، ئەپ، لايىھە، يۇمشاق دېتال، يېزىم، پىروگرامما، نەشر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى، سودا شوئارى، بەلگە ياكى باشقا ماتېرىيال، مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىدا دېيىلگەن مەزمۇننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى تەسىراتىنىڭ (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خۇاۋېي مەزمۇنى» دېيىلىدۇ) ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېلىشىمدە ئايرىم بەلگىلىمىسىلا، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە/ياكى زىيارەت قىلغاندا بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق مەزمۇننىڭ ھەرقانداق ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقى سىزگە ياكى باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ.
ھەرقانداق ئۇسۇلدا خۇاۋېي مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش، ئايرىش، تەھرىرلەش ياكى قوشۇشقا بولمايدۇ، ھەم خۇاۋېي مەزمۇنىنى سېتىش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق خۇاۋېي مەزمۇنىنى قايتا ئېلان قىلىش، ئايرىش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم بالدۇر خۇاۋېي بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالدىن يازما ئىجازەت ئېلىشىڭىز كېرەك، بۇ كېلىشىمدە ئېنىق چۈشەنچە بولغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ تەتبىقلىنىدىغان قانۇن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ كەسكىن بېكىتكەن ھەرقانداق ھوقۇقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ئەگەر بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكى بىرەر نەشر ھوقۇقى، سودا ماركىسى، پاتېنت، سودا مەخپىيەتلىكى ياكى باشقا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز ياكى بۇ مۇلازىمەت ھەققىدە باشقا سوئال-گۇمانلىرىڭىز بولسا، «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابتىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىزگە ئۇقتۇرۇڭ.
7 مەزمۇنىڭىز
«ئىشلەتكۈچىنىڭ مەزمۇنى» ئىشلەتكۈچى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ شەكىللەندۈرگەن ئۇچۇر، مەزمۇن ۋە ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن شەكىل، خەت، رەسىم، ئۈن، سىن، يۇمشاق دېتال، مەلۇمات ھۆججەت قاتارلىقلار. سىز چوقۇم سىز ياكى ھېساباتىڭىز نامىدا يۈكلەنگەن، چۈشۈرۈلگەن، ئېلان قىلىنغان، تورخەت ئارقىلىق يوللانغان، تارقىتىلغان، ساقلانغان ھەرقانداق ئىشلەتكۈچى مەزمۇنغا مۇستەقىل تولۇق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز. خۇاۋېي ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنى تىزگىنلىمىگەچكە ياكى ئۇچراشمىغاچقا، خۇاۋېي ھەرقانداق ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە مۇۋاپىقلىقىغا ھېچقانداق كاپالەتلىك قىلمايدۇ. بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىنى ئىشلىتىشىڭىز سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خەۋپ-خەتەرنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزغا، چاكىنا، بىئارام قىلىدىغان، تېتىقسىز ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ئىشلەتكۈچى مەزمۇنىغا نىسبەتەن خۇاۋېينىڭ ھەرقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلدىڭىز.
8 بۇ مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش
تەتبىقلانغان قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرۈش ھەم ياخشىلاش نىشانى (ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەرنى باھالاش، تەكشۈرۈش ھەم خېرىدارلار قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) بويىچە، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشىڭىز ياكى قانۇنغا، سوتنىڭ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنىڭ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقى ياكى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. مەزمۇنلىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ياكى بۇ كېلىشىمگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ھوقۇقىمىز بار. مەزمۇنلىرىڭىزنىڭ بۇ كېلىشىمگە خىلاپ ياكى ئاممىۋىي تەرتىپ، ياخشى ئادەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىساق، سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلماي ئەھۋالغا قاراپ ئالدىن تەكشۈرۈش، يۆتكەش، رەت قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە/ياكى چىقىرىۋېتىش ھوقۇقىمىز بار.
9 مەخپىيەتلىك ۋە مەلۇمات توپلاش
سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن، خۇاۋېي قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ۋە ماقۇللۇقىڭىزنى ئېلىپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
10 مەسئۇلىيەت باياناتى
بۇ مۇلازىمەت سىزگىلا تەمىنلەنگەن، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ. ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق زىيانغا قارىتا، خۇاۋېي ۋە خۇاۋېينىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى، مەسئۇل خادىملار، مۇدىرلار، خىزمەتچىلەر، ھۆددىگەرلەر، ۋاكالەتچىلەر، ئۈچىنچى تەرەپ تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەر، ھەمكارلاشقۇچىلار، ئىجازەت بەرگۈچى تەرەپ ۋە ساتقۇچى سودىگەرلەر (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خۇاۋېي تەرەپ» دېيىلىدۇ) ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلۇڭ.
بۇ مۇلازىمەت ئىشلىتىلىش جەريانىدا تىزگىنلەشكە بولمايدىغان سەۋەبلەردىن ئېنىقسىز توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئالدىدا دېيىلگەن توختاپ قېلىش، كېچىكىش، توسالغۇغا ئۇچراش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تۆلەم تەلىپىگە خۇاۋېي تەرەپنىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىغا قوشۇلۇڭ.
سىز ياكى باشقىلار تۆۋەندىكى سەۋەبتىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالماسلىق ياكى ئىشلىتەلمەسلىكتىن ھەرقانداق زىيان كېلىپ چىقسا، خۇاۋېي تەرەپ قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(a) خۇاۋېي سىستېما ياكى يۇمشاق-قاتتىق دېتالنى ئاسراش ياكى نەشر ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك مۇلازىمەتنى ئۈزۈپ ياكى توختىتىپ قويسا؛
(b) خۇاۋېيغا قاراشلىق بولمىغان ياكى تىزگىنلىمىگەن سىستېما ياكى تور ئالاقىسى كېچىكسە ياكى كاشىلا كۆرۈلسە؛
(c) خۇاۋېي بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى توختام ياكى كېلىشىمنىڭ توختاپ قېلىشى، بىكار قىلىنىشى ياكى ئاخىرلىشىشى؛
(d) خاككېر ھۇجۇمى ياكى شۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك تەسىرى سەۋەبلىك خاتالىق كۆرۈلسە ياكى مۇلازىمەت توختاپ قالسا؛ ياكى
(e) خۇاۋېينىڭ مۇۋاپىق تىزگىنلەش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا سەۋەبلەر.
بۇ مۇلازىمەت «ھازىرقى ھالىتى» ۋە «نۆۋەتتىكى» بارچە نۇقسانلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ھەم ھېچقانداق شەكىلدە كاپالەت ياكى ۋەدە بېرىلمەيدۇ. قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە، خۇاۋېي تەرەپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ھەرقانداق ئېنىق ياكى سۈكۈتتىكى كاپالەتنى، شەرتنى ياكى باشقا پۈتۈشۈمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ھەرقانداق كېپىللىك، ۋەدە، بايانات ياكى كاپالەتمۇ بەرمەيدۇ:
(a) بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇننىڭ مۇكەممەللىكى، توغرىلىقى، ئىشەنچلىكلىكى ياكى ۋاقتىدىلىقى؛
(b) بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇ يۈكلەنگەن مۇلازىمىتېردا نۇقسان، خاتالىق، ۋىرۇس، يوچۇق ياكى باشقا زىيانلىق ئامىللارنىڭ بار-يوقلۇقى؛
(c) بۇ مۇلازىمەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ياكى ئىقتىدار جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنىڭ تۈزىتىلىشى؛
(d) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك كاپالەت ياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندىكى ياكى زىيارەت قىلغاندىكى ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك ياكى توغرىلىقى؛
(e) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر توغرىلىقى؛ ۋە
(f) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك، توغرا، ئىشلەتكىلى بولۇشى ياكى ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇپ، بېكىتىلگەن ئالاھىدە نەتىجە پەيدا قىلالىشى ياكى بېكىتىلگەن ئالاھىدە نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى. بۇ مۇلازىمەتكە پۈتۈن ياكى قىسمەن تايىنىش، ئىشلىتىش، ئىزاھلاش ياكى سىز (ياكى باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن ئۇچۇر پەيدا قىلغان ھەرقانداق يوقىتىش، زىيانغا قارىتا خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى توختامدا بىر قىسىم كاپالەت، كېپىللىك ياكى مەسئۇلىيەتنى ساقىت قىلىش ياكى چەكلەشكە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ قانۇنلار سىزگە تەتبىقلانسا، يۇقىرىقى باياندا ساقىت قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمدىكى ھېچقانداق مەزمۇن سىزنىڭ ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېرىشكەن قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
11 تۆلەم
تۇرۇشلۇق ئەدلىيەلىك تەۋەلىكنىڭ قانۇنى يول قويىدىغان ئەڭ زور چەكتە، خۇاۋېي تەرەپنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇن سەۋەبلىك ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېلىپ چىققان تۆلەم تەلىپى شىكايەت ياكى ئەرزدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك:
(1) مەزمۇنىڭىز؛
(2) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشىڭىز؛
(3) بۇ كېلىشىم ياكى ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىجازەت كېلىشىمىنىڭ ھەرقانداق ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىشىڭىز؛
(4) ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ياكى ھەرقانداق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىڭىز؛
(5) ھەرقانداق كىشىنىڭ خۇاۋېي ھېسابىڭىز ئارقىلىق يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرگە خىلاپلىق قىلىشى.
يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق تالاش-تارتىش، شىكايەت، ئەرزنىڭ مەسئۇلىيەت، زىيان، ھەق، دەۋا ھەققى ۋە ئادۋوكات ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇاۋېي تەرەپ ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەرقانداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويسا، دەرھال ھەم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئاقلايسىز.
12 سىزنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز
ئەپنىڭ تەڭشەك بېتىدىن كامېرا، بوشلۇق ئىجازىتىنى ئېتەلەيسىز. ئەپنىڭ بەدەن ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئىقتىدار بېتىدە ئىجازەتنى قايتۇرۇۋالالايسىز ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى ئاخىرلاشتۇرالايسىز.
ھېساباتىڭىز توختىتىلغاندىن كېيىن، خۇاۋېي ھېساباتىڭىزدىكى خالىغان ۋە بارلىق ماتېرىيال، ھۆججەت ۋە ساقلانغان مەزمۇنلارنى دەرھال مەڭگۈلۈك ئۆچۈرەلەيدۇ، ئەمما بەزى قانۇنىي ۋە ئەمەلىي ئامىللار تۈپەيلىدىن، خۇاۋېي بۇ مەلۇماتلارنىڭ زاپاسلانغان كۆپەيتىلمىسىنى ئۆچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز باشقا ئىشلەتكۈچىگە يوللىماقچى بولغان ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننىمۇ ئۆچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.
ھېساباتىڭىز توختىتىلغاندىن كېيىن، ئاخىرلىشىش ۋاقتىدىن بۇرۇن (شۇ كۈن ئىچىدە) يەنىلا تۆلەشكە تېگىشلىك ھەرقانداق ھەقنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىڭىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، خۇاۋېي ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتىڭىز توختىتىلىش سەۋەبىدىن بۇ مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمەسلىكىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ.
13 خۇاۋېينىڭ توختىتىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى
تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئاساسەن بارلىق ياكى قىسمەن زىيارىتىڭىزنى توختىتىشىمىز، چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن ھەمدە ھەرقانداق شەخس ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئالدىدا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن ئامال بار سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسا، ئالدىن ئۇقتۇرمايمۇ سىزنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى توختىتىشىمىز، چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن:
(a) بۇ كېلىشىمگە، جۈملىدىن ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق پۈتۈم، تۈزۈم ياكى كۆرسەتمىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ياكى خۇاۋېينىڭ سىزنى شۇنداق قىلدى دېيىشكە ئاساسى بولسا؛
(b) سىز ياكى ئىشلىرىڭىزغا ۋەكىل بولالايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئالدامچىلىق قىلسا ياكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، خۇاۋېيغا يالغان ياكى خاتا ئۇچۇرنى تەمىنلىسە؛
(c) ئۈنۈملۈك قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان تەلەپلەرگە ماسلاشقاندا؛
(d) سىستېما ياكى قاتتىق دېتالنى جىددىي ئاسراش يېڭىلاش ئۈچۈن؛ ياكى
(e) مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تېخنىكىلىق، بىخەتەرلىك ياكى كەسپىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسا.
بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشۇشى ياكى ئاخىرلىشىشى بۇ كېلىشىمدە كېلىشىم كۈچىدىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنىلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ ياكى داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ ئېنىق ئىزاھلانغان شەرتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەمدە ھېسابلاشقا بولىدىغان ھەرقانداق ھوقۇق-مەنپەئەت ياكى مەجبۇرىيەت ۋە ياكى بۇ كېلىشىم كۈچتىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ كېلىشىمدە ئېنىق دېيىلگەن ياكى خاراكتېرى بويىچە بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولىدىغان ھەرقانداق ماددا، بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ ماددىدىكى شەرتلەر قاندۇرۇلغۇچە ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرى بويىچە مۇددەت توشقىچە داۋاملىشىدۇ.
14 بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشى
خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ، تۈزىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتكە ئىقتىدار ياكى خۇسۇسىيەت قوشۇشى، ئۆچۈرۈشى، مەلۇم مۇلازىمەتكە يېڭى چەكلىمە قويۇشى، ۋاقىتلىق توختىتىشى ياكى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن؛ خۇاۋېي يەنە مۇشۇ مۇلازىمەتنىڭ يېڭىلىنىشى ئاساسىدا بۇ كېلىشىمگە خالىغان ۋاقىتتا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى مۇمكىن.
يېڭىلانغان كېلىشىم شەرتلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئەسلىدىكى كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بىز بۇ كېلىشىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنىنى دەرھال ئەپ بېتىدە ئېلان قىلىمىز. ئەگەر تۈزىتىلگەن كېلىشىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، دەرھال مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىڭ، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشىڭىز ياكى داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىز تۈزىتىلگەن كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ.
بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشى سىزگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتسە، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىڭىزنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىسە، ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. بىخەتەرلىك، قانۇن ۋە نازارەت تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتكە تۈزىتىش كىرگۈزسەك، بۇرۇن دېيىلگەن ئالدىن ئۇقتۇرۇش ۋاقتى بويىچە سىزگە ئۇقتۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئامال بار تېز ئۇقتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
15 تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى
بۇ كېلىشىمگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. خۇاۋېي بىلەن سىز بۇ كېلىشىمنىڭ جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونىدا ئىمزالىنىدىغانلىقىغا قوشۇلدۇڭلار. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، كېلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالانغان ئورۇندىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ھەل قىلسا بولىدۇ.
16 ئادەتتىكى شەرتلەر
بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۈچىنچى تەرەپ باشقا تور بېكەت ياكى مەنبەلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ خىل تاشقى تور بېكەت ياكى مەنبەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى، بۇ تور بېكەت ياكى مەنبەلەردىكى ياكى ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇن، ئېلان، مەھسۇلات ياكى باشقا ئۇچۇرلارغا ھەرقانداق شەكىلدە ۋەدە بەرمەيدىغانلىقىمىز ياكى مەسئۇل بولمايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىڭ ھەم قوشۇلۇڭ. بۇ خىلدىكى تور بېكەت ياكى مەنبەدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ياكى بېقىنىش سەۋەبىدىن ياكى شۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق زەخىم ياكى زىيانغا نىسبەتەن بىز ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.
بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن خۇاۋېي بىلەن ئاراڭلاردا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى دەپ قارالسا بولمايدۇ. ھېچقايسى تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپ نامىدا ياكى يەنە بىر تەرەپكە ۋاكالىتەن ھەرقانداق مەسئۇلىيەتلىك قەرز ياكى تەننەرخ پەيدا قىلىش ياكى ھەرقانداق توختام ياكى باشقا كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى يوق.
خۇاۋېينىڭ مۇۋاپىق تىزگىنلەش دائىرىسىدىن سىرت ئىشلار خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىم ياكى بۇ مۇلازىمەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماسلىقى ياكى كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، خۇاۋېي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
خۇاۋېي شىركىتىنىڭ شۆبە ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە شىركىتى بۇ كېلىشىمنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ مەنپەئەتدارى بولۇپ، ئۇلار بۇ كېلىشىمدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى بويىچە بۇ كېلىشىمنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدۇ. سىزنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزگە تەسىر قىلمىغان ئاساستا، خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىمدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بار.
بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق شەرتنى قاراشلىق قانۇن ئورۇنلىرى ئىناۋەتسىز، ئۈنۈمسىز ياكى ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىسا، شۇ شەرت بۇ كېلىشىمدىن ئۆچۈرۈلدى دەپ قارىلىشى كېرەك، باشقا شەرتلەر يەنىلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
17 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
بۇ كېلىشىمگە قارىتا ھەرقانداق پىكرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ: 950800.